سۆھبەتتىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي «جازالار»نى ئاستا-ئاستا بوشاتماقتا

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئالدىنقى ھەپتە جەنۋەدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، يولغا قويۇلغان جازا خاراكتېرلىك باج تەدبىرلەرنى ئاستا-ئاستا بوشاتماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ دۈشەنبە بىر مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، خىتايدىن كېلىدىغان تۆۋەن قىممەتتىكى پوچتا يوللانمىلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى %30 كە چۈشۈرگەن. بۇ خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بولغان Shein ۋە Temu غا نىسبەتەن پايدىلىق قارار بولغان.

بۇ ھەقتىكى قاراردا 14-مايدىن باشلاپ خىتايدىن كەلگەن قىممىتى 800 دوللاردىن ئېشىپ كەتمەيدىغان، بىۋاسىتە ئىستېمالچىلارغا يوللىنىدىغان ماللاردىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ %120 تىن %54 كە چۈشۈرۈلىدىغانلىقى، ھەربىر پوسۇلكىدىن ئېلىنىدىغان 100 دوللارلىق بىر تۇتاش ھەقنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئەمما بىر تۇتاش ھەقنى 1-ئىيۇندىن تارتىپ 200 دوللارغا ئۆستۈرۈش قارارى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

سۆھبەتتىن كېيىن خىتايمۇ ئۆز ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ يېڭى بوئىڭ ئايروپىلانلىرىنى ئېلىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. خىتاي تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، بوئىڭ ئايروپىلانلىرىنى ۋە ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرى ۋە زاپچاسلىرىنى سېتىۋېلىشنى، زاكاز قىلىشنى بىر ئايلىق مۇددەت بىلەن چەكلىگەنىدى.

ئۇندىن باشقا، خىتاي 14-ماي ئامېرىكىنىڭ سىيرەك توپا ۋە ھەربىي تېخنىكىغا ئالاقىدار 28 شىركەت، ئورگىنىغا قاراتقان ئېكسپورت چەكلىمىسىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا 17 ئامېرىكا شىركىتىگە مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت ۋە خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭنىڭ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-ماي شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، ئىككى كۈن داۋاملاشقان سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى. نەتىجىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-ئاپرېلدىن تارتىپ خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يولغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى 90 كۈن كېچىكتۈرۈش قارارى خىتايغىمۇ ئىجرا قىلىنغان، ھەر ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجىنى %115 تۆۋەنلىتىشكە قوشۇلغانىدى.

بۇ خەۋەر 135 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2025 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق