خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە زور كۆلەملىك ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پەردازلاش ئۈچۈن، تەشۋىقات كۈچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە زور كۆلەملىك ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلىدى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى» 14-مايدىن تارتىپ ئاتالمىش «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىن شىنجاڭغا نەزەر» تېمىسىدا زىيارەت پائالىيىتى باشلىغان. خەۋەردە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان، «زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەسىر كۈچكە ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرى» ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەر تەپسىلاتىدىن بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك پائالىيەتنىڭ خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، زىيارەت پائالىيىتىدە دىققەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ گازىنى، توكىنى، كۆمۈرىنى خىتايغا توشۇشقا، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق نۇقتىلار بايان قىلىنىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش سىياسىتىنى تەدبىرىنى تولۇق، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىنغان.

خەۋەردە 14-مايدىن باشلاپ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇخبىرلاردىن تەشكىللەنگەن ئاتالمىش «پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، نەق مەيدان تارقىتىش، سۈرەت ۋە يېزىق، گىرافىك، ئۈن-سىن قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، «تەسىرلىك» تەشۋىقات ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ساختا تەشۋىقاتىغا غايەت زور خىراجەت ۋە كۈچ ئاجراتقان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» دېگەندەك تېمىلاردا قىسقا سىن مۇسابىقىسى، ھېكايە مۇسابىقىسىگە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كەلمەكتە. بۇ يىل خىتاي يەنە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئالاھىدە تەييارلىق قىلىش باھانىسى بىلەن، ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى يېڭى پەللىگە چىقارغان.

بۇ خەۋەر 152 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2025 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق