گېرمانىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى فىرېدرىچ مېرز 14-ماي پارلامېنتتا تۇنجى ئومۇمىي سىياسەت نۇتقىنى سۆزلىگەن بولۇپ، كېيىنكى سىياسەتلىرىدە گېرمانىيەنىڭ خىتايغا تايىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇ خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە يۆنىلىشىنى چۈشەندۈرگەن قىسمىدا، خەلقئارا تەرتىپتىكى زور ئۆزگىرىش بىلەن خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان نۇقتىلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك خەتەردىن ساقلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مېرز نۇتقىدا: «بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىدە سىستېمىلىق رىقابەت ئامىللىرى كۈچىيىۋاتىدۇ» دېگەن ۋە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مېرز خەلقئارا سىياسەت ساھەسىدە توختىلىپ: «گېرمانىيە خىتاي سىياسىتىنى رايونلۇق يېتەكچى پىرىسنىپقا كىرگۈزىدۇ. مۇقىم، ئەركىن ۋە بىخەتەر ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن. ئۇ يەنە گېرمانىيەگە نىسبەتەن تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە بىر تەرەپلىمە بېقىنىشنى ئازايتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
تەھلىلچىلەر مېرزنىڭ سۆزلىرىنىڭ بۇ ئايدا ئېلان قىلىنغان گېرمانىيە ئوڭ قانات ۋە سول قانات ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە كېلىشىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاراتقان ئىبارىلىرىنىڭ يېڭىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
مېرز سايلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ سابىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بارغانسېرى ئىچكى جەھەتتە باستۇرۇشقا ۋە تاشقى جەھەتتە تاجاۋۇزچىلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى، گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۈنسېرى تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، شىمالى كورىيەنىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشى خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.