خىتاينىڭ غەربىدىكى تارىخى دۇنخۇاڭ شەھىرى قاتتىق قۇم بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. كۆرۈش مۇساپىسى نۆلگە چۈشكەن بۇ شەھەردە 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرىغا بولۇپ، 5 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى بولسا بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەلدى.
تارىخى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان دۇنخۇاڭدا يۈز بەرگەن قۇم بوران گوبى چۆلىنىڭ قۇرغاق كلىماتىدا كۆپىنچە كۆرۈلىدىغان، ئەمما بۇنداق كۈچلۈك بولۇپ باقمىغان بۇ ھادىسە ھەممەيلەننى چۆچۈتكەن. بولۇپمۇ مىڭشا تېغى ۋە يۆيا كۆلى ئەتراپىدا تۇيۇقسىز چىققان بوران، سائەتىگە 120 كىلومېتىرغىچە يەتكەن شامال بىلەن ئاسماننى پۈتۈنلەي تۇپراق بىلەن قاپلىغان.
شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن سائەت 18.00 دا باشلانغان قۇم بوران مىڭلىغان ساياھەتچىلەر سەھرا جايلاردا بولغانلىقى ئۈچۈن جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان. زىيارەتچىلەر تېزلىكتە ئاپتوبۇسلارغا مىنىپ ياكى ئەتراپتىكى بىنالارغا پاناھلىنىشقا تىرىشقان. دائىرىلەر بارلىق پائالىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە پىلانلانغان كونتسېرتلارنى كېيىنگە سۈرگەن ۋە بىلەت سېتىشنى توختاتقان.
142 جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى 80 قېتىمدىن ئارتۇق سەپەر ئارقىلىق 5200 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى شەھەر مەركىزىگە يۆتكىگەن. بوران سەۋەبىدىن رايوندىن چىقالمىغان نۇرغۇن كىشى خىتاينىڭ ئىش بىجىرىش بىنالىرىدا ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇلغان.
مۇتەخەسسىسلەر قۇم بورانىنىڭ تۇيۇقسىز كۈچىيىپ كەتكەن قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدىن يەر يۈزىنىڭ ئىسسىق بولۇپ، قۇرغاق تۇپراقلارنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
يۇنېسكونىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگەن موگاۋ ئۆڭكۈرلىرى بىلەن داڭلىق بولغان دۇنخۇاڭ خىتاينىڭ مەدىنىيەت ۋە ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى. ئەمما بۇنداق ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك ھادىسىلەرنىڭ ھەم زىيارەتچى بىخەتەرلىكى ھەمدە تارىخى بىنالارغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى.
خىتاي دائىرىلىرى ھاۋارايى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن رايوننى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى، بالدۇر سېگنال بېرىش سىستېمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.