خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىدا مەخپىي ئالاقە ئۈسكۈنىسى بايقالدى

ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلەرى خىتايدا ئىشلەنگەن بىر قىسىم قۇياش ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىدىن يوشۇرۇن ئالاقە ئۈسكۈنىسى بايقىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە قايتا ئەندىشە قوزغىدى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى كىشىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، رۇخسىتى بولمىغان، خاتىرىلەنمىگەن يامان غەرەزلىك خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى خىتايدا ئىشلەنگەن بىر قىسىم قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىدا، جۈملىدىن ئىنۋېرتور ۋە باتارىيەدە بايقالغان.

ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئېلېكتر تورىغا ئۇلانغان، خىتايدا ياسالغان ئىنۋېرتورلارنى چۇۋۇغاندا، مەھسۇلات لايىھەسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى بايقىغان. بۇ ئۈسكۈنىلەر يەنە بىر قانچە خىتاي تەمىنلىگۈچىنىڭ باتارېيەسىدىنمۇ تېپىلغان. گەرچە بۇ ھەقتە كونكرېت سان ۋە ماركا ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەنبەلەر رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ تورغا سۇقۇنۇپ كىرىش خەۋپى بارلىقىنى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان.

خەۋەردە مەزكۇر «ئەرۋاھ خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى»نىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، يىراق مۇساپىلىك خەۋەرلىشىش يوللىرىنى ئېچىشى مۇمكىنلىكى، بۇ خىتايغا ئوخشاش يامان غەرەزلىك تەرەپلەرنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى كونترول قىلىش، تاقاش ياكى بۇزۇشىغا يول ئېچىشى مۇمكىنلىكى، ئېلېكتر تورىغا تېخىمۇ كۈچلۈك تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەگەر خاككېرلار بۇ يوشۇرۇن ئالاقە يوللىرى ئارقىلىق كونتروللۇققا ئېرىشسە، ئۇلار ئۈسكۈنىنىڭ تەڭشىكىنى يىراقتىن ئۆزگەرتەلەيدىكەن، ھەتتا پۈتكۈل توك چىقىرىش سىستېمىسىنى تاقاپ، چوڭ كۆلەملىك توك توختاپ قېلىش ياكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلىپ: «بىز دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە ۋە خىتاينىڭ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بۇرمىلاش ۋە تۆھمەت قىلىشقا قارشى تۇرىمىز» دەپ جار سالغان.

بۇ خەۋەر 120 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2025 11:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق