ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىككىنچى قېتىم كورېيەدە كۆرۈشتى

ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ۋەكىللىرى تاموژنا بېجى 90 كۈنلۈك توختىتىلغاندىن كېيىن كورېيەدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئەمما كۆرۈشۈش ھەققىدە تەپسىلاتلار بېرىلمىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان كەسكىن سودا سۆھبىتىدە يېڭى بىر قەدەم بېسىلدى. ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى شىۋېتسارىيەدىكى سۆھبەتتىن كېيىن بۇ قېتىم كورېيەنىڭ جېجۇ ئارىلىدا جەم بولدى.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى Jamieson Greer بىلەن خىتاينىڭ باش سودا سۆھبەتچىسى لى چېڭگاڭ پەيشەنبە كۈنى جېجۇدا كۆرۈشكەن. ئەمما يىغىنغا دائىر باشقا تەپسىلاتلار ئاشكارىلانمىغان. ئامېرىكىنىڭ سېئۇلدىكى ئەلچىخانىسىمۇ كۆرۈشۈشنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات بەرمىگەن. تاشقى سودىدا كەلگۈسى نامەلۇم

ئىككى چوڭ ئىقتىساد ئارىسىدا ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كېلىشىم ئۆزئارا قوللىنىلغان تاموژنا باجلىرىدىن سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغان شىركەتلەر ئۈچۈن قىسقا ۋاقىتلىق نەپەس ئېلىش پۇرسىتى بولغان. ئەمما بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىق بولۇش-بولماسلىقى نامەلۇم  بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغاندىن كېيىن توختىتىلغان جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەسىر قىلىدىغان تاموژنا باجلىرىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىمۇ سودا دۇنياسىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرماقتا.

خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاپرېل ئېيىدا ئامېرىكىغا قىلىنغان ئېكسپورت ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %21 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدە ئامېرىكىدىن قىلىنغان ئىمپورتمۇ تەخمىنەن %14 تۆۋەنلىگەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار تاموژنا باجلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا كۆلىمىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 90 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2025 12:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق