ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى يېتىم بالىلار ئۈچۈن پىلانلانغان پائالىيەتنى ئۇيغۇر بالىلار سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كۇلۇبى تەشكىللىگەن مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن بىر ئاي بۇرۇن رەسمىي رۇخسەت ئېلىنغان بولسىمۇ، مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان يېتىم بالىلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپ باشتا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇ تەلەپ ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلنمىغانلىقى ئۈچۈن، پائالىيەت بىر كۈن بۇرۇن مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇردا «خىتاي باش كونسۇلخانىسى بىلەن دىپلوماتىك كىرىزىس كۆرۈلۈشى مۇمكىن» دېگەن بايانلار بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئوقۇغۇچىلار 4-ئايدا كۇلۇب ئۇيۇشتۇرغان «غەززە ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىننىڭمۇ مەكتەپ مۇدىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ۋاقىتتىكى كۆرسىتىلگەن سەۋەبمۇ ئوخشاشلا «خىتاي بىلەن دىپلوماتىك كىرىزىس يۈز بېرىشى مۇمكىن» بولغان.

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى جۈمە كۈنى مەكتەپ ھويلىسىدا قوللىرىدا «قاتىل خىتاي، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن يوقال!» دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىلمىي مۇستەقىللىقنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنى باشقا دۆلەتنىڭ تەلىپىگە باش ئەگدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

باياناتتا: «باشقا بىر دۆلەتنىڭ بۇ خەلق ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش دەرىجىسى بىزنىڭ دۆلەت شەرىپىمىز ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىناۋىتى بىلەن سىغىشالمايدۇ... شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدە داۋاملىق لەپىلدەپ تۇرىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستاننى قوغداشتىن ۋاز كەچمەيمىز» دېگەن مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

ئوقۇغۇچىلار يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ئوسمان بۈلەنت زۇلفىقارغا بىۋاسىتە خىتاب قىلىپ: «چەت ئەل دۆلىتىنىڭ تەلىپى قانداق قىلىپ تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى؟ مۇدىرىيىتىمىز ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداۋاتامدۇ ياكى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداۋاتامدۇ؟» دېگەن.

ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ پوزىتسىيەسىنى «باش ئېگىش ۋە قورقۇنچاقلىق» دەپ سۈپەتلەپ، خىتاي بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنىشىنى، چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۈركىيە ياشلىرىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇلتۇر 12-ئايدا ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «سۆز ۋە قەلەم» ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى يىغىنمۇ ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بايانات ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 90 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2025 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق