خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت تارىخىنى پەردازلاشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالمىش «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى» ئۈچۈن مەخسۇس مۇزېي ياساپ چىققان بولۇپ، دۇنيا مۇزېي كۈنىگە ئۇدۇللاپ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 18-ماي «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى» بۈگۈردە رەسمىي ئېچىلغان. خەۋەردە مۇزېيغا قويۇلغان يادىكارلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر دەۋردە مەركىزىي ھۆكۈمەت باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇرغانلىقى، ھەر مىللەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاقە قىلىش، بىرلىشىش جەريانىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدەك سەپسەتىلەر تەكرارلانغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ساختا تەشۋىقات ئۈچۈن قۇرۇلغان مەزكۇر مۇزېينى ياساشقا ئىككى يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ئاتالمىش «قورۇقچى باشلىقى ئىدارىسى قۇرۇش»، «غەربىي دىياردا ھۆكۈم يۈرگۈزۈش»، «يىراق يەرلەرنى ئېچىش»، «خەن سۇلالىسى قائىدىلىرىنى ئۈلگە قىلىش» ۋە «بىر نىيەتتە قۇرۇش» قاتارلىق بەش قىسىمدىن تەشكىل تاپقان، 463 پارچە «يادىكارلىق» قويۇلغان.
خەۋەردە مۇزېيغا قويۇلغان بىر تۇچ داڭقاننىڭ مۇزېيدىكى ئەڭ قىممەتلىك يادىكارلىق ئىكەنلىكى، بۇ تۇچ داڭقاننى يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىلەرنىڭلا ئىشلىتەلەيدىغانلىقى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نومۇسسىزلارچە سەپسەتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قىسقا ئىشغالىيەت تارىخىنى بۇرمىلاش، پەردازلاشتا «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى»نى چوقۇم تىلغا ئالىدىغان بولۇپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» بولغانلىقى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىكى ھەرقايسى سۇلالىلەرنىڭ «ئاتا مىراس زېمىنى»غا ئايلانغانلىقىدەك نومۇسسىز سەپسەتىلەر خىتاينىڭ مەخسۇس يىغىنلىرىدا، ئاخبارات، نەشرىيات، دەرسلىكلىرىدە ئالاھىدە تەكرارلىنىپ كەلمەكتە.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ سەپسەتىلىرى نوپۇزلۇق تارىخشۇناسلار، تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئويدۇرما يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېيلىرى پەقەت ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى»نىڭ ئەسلى ئورنىنىڭ ۋە بۇ ھەقتىكى بايانلارنىڭ توختىماي ئۆزگەرتىلىپ تۇرۇشىمۇ خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.