پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ مۇھىم ئورگىنىنى قايتىدىن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق ئىنستىتۇتىنى قايتىدىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇندى.

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئىلگىرى تىرامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان، كېيىن بايدېن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان چەكلىمىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان قانۇن دوختۇرلۇق ئىنستىتۇتى 2020-يىلى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولۇش، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، نازارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى 2023-يىلى نويابىردا مەزكۇر ئورگاننى جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىپ، بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي بىلەن زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىدىغانلىقى بىلدۈرگەنىدى.

يېڭى سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسىدە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قارارى تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، رىك سىكوت بۇ ھەقتە: « خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق ئىنستىتۇتى خىتاي رېجىمىنىڭ نازارەت قىلىشى جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق زۇلۇم ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىدۇ» دېگەن.

باشقا پالاتا ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭ پىكرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ئورگىنىنى زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتىكى قەتئىيلىكىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 91 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2025 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق