چاقماق خەەر

قازاقىستان: يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا خىتاي بىلەن تېخى سۆھبەتلەشمىدۇق

قازاقىستان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سۇ مەنبەسى مەسىلىسىدە تېخى خىتاينىڭ ماقۇللىقىنى ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستاندىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ جامبۇل رايونىدا قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، ئورنى بالقاش كۆلىگە يېقىن ئىكەن. بۇ ئورۇننى تاللاشتىكى مەقسەت جەنۇبىي رايونلارغا توك يەتكۈزۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە رېئاكتور سوۋۇتۇش مەشغۇلاتىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىنىشىگە قولايلىق يارىتىش ئىكەن.

بالقاش كۆلىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىلى دەرياسى بولۇپ، خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، چېگرا ھالقىغان دەريا ئېقىنلىرى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈچۈن، ئېقىن بار دۆلەتنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك قازاقىستان تەرەپ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن.

قازاقىستان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى رېنات ئوكاسوف قازاقىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن بۇ توغرۇلۇق تېخى كونكرېت سۆھبەتلەشمىگەنلىكىنى، ئەمما بۇ مەسىلىدە چوڭ مەسىلە چىقمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ رېئاكتور تېخنىكىسىنى تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ دەسلەپكى تىزىملىكىدە رۇسىيە، كورىيە ۋە فىرانسىيە شىركەتلىرىدىن باشقا، خىتاي يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىمۇ بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 656 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2025 16:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق