خىتاي ئافرىقىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز ئېفىيوپىيە ۋە زامبىيەگە بارغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز ئۆمەك تەشكىللەپ 11-مايدىن 18-مايغىچە ئېفىيوپىيە ۋە زامبىيەگە بارغان ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلغان.

خەۋەردە بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئافرىقىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»، «شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش»نى مەقسەت قىلغانلىقى دەۋا قىلىنغان بولۇپ، بۇ زىيارەتنىڭ بىر قېتىملىق ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئەركىن تۇنىياز بۇ جەرياندا ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت، ئاتالمىش «شىنجاڭ-ئېفىيوپىيە يەرلىكلەر ئارا كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، بىر قىسىم شىركەت ۋە ئىشتاتلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

ئەركىن تۇنىياز زىيارىتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشتىن ئىبارەت ئاساسلىق مەقسىتىگىمۇ كۈچىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىنسانىي ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق سەپسەتىلىرىنى تەكرارلىغان.

خىتاي يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۆمەك ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ساختا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت، چەت ئەل ئۆمەكلىرىنىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىنايەتلىرىنى پەردازلىماقتا. جۈملىدىن گامبىيە مۇخبىرلار ئۆمىكى 8-مايدىن 12-مايغىچە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىگە ماسلاشقانىدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 2022-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئافرىقىدا ئۈنۈم بەرگەنلىكى، خىتاي ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئەللىرىدە ئىرقچىلىققا ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇپ ياخشىچاق بولۇۋېلىش تەشۋىقاتى ئارقىلىق، غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى بۇرىماقچى بولغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 96 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2025 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق