ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يولغا قويغان تاموژنا بېجى سەۋەبلىك، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئاز ساندىكى ئاپتوموبىللارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى 19-ماي بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى دەلىللەپ، تەنھەرىكەت تىپىدىكى بىر قىسىم ئاپتوموبىللىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ۋە باشقا ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىللارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى دۇرانت بىرلەشمىسى دەپ ئاتالغان پىلان بىلەن خىتايغا ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەممىباب شىركىتى باياناتىدا: «ئىقتىسادىي شارائىتتا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، بىز دۇرانت جەمئىيىتىنى قايتا تەشكىللەپ، ھەممىباب شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق» دېگەن.
يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاي رېجىمىنىڭ تولۇقلىما بېرىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى بىلەن باھا ئەۋزەللىكىگە ئېرىشكەن خىتاي ئاپتوموبىل شىركەتلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىگە زەربە بەرمەكتە. بىر نەچچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تاموژنا بېجى ئۇرۇشىمۇ ئاپتوموبىل ساھەسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.