ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى يەنە بىر رادىيو قانىلى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تۈركچە بۆلۈمى يېقىندا ئانادولۇ رادىيو قانىلى (چاستوتىسى چاستوتىسى 97.9، Anadolu Fm) بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، مەزكۇر قانالدا ئىستىقلال تۈركچە بۆلۈمى تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى ئاڭلىتىلىشقا باشلايدۇ.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈركچە بۆلۈمى يىللاردىن بېرى ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك دۇنياسىغا يەتكۈزۈشتە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى بىر قىسىم رادىيو قاناللىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانىدى. جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ «Hedef» رادىيو قانىلى (چاستوتىسى 91.8) ۋە «Denge» رادىيو قانىلىدا (چاستوتىسى 92.1) شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى تارقىتىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 101 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2025 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق