2025-يىلى5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى مۇھىم خەۋەر

تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە قولغا ئالغان يەتتە خىتاي جاسۇسنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر جاسۇسلارنىڭ ئىستانبۇل، ئىزمىر، بۇرسا، مانىسا، بالىكەسىر ۋە يالوۋا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرغان دۆلەت خادىملىرىنى كۆزەتكەنلىكى، قولغا چۈشۈرگەن مەلۇماتلارنى خىتايغا يوللىغانلىقى، نۆۋەتتە بۇ جىنايەتنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 6898 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2025 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق