78-نۆۋەتلىك فىرانسىيە گانا خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 13-مايدىن 24-مايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار باش تېما قىلىنغان «غەيرەت قىلىڭ، نائىلە» ناملىق ساختا تەشۋىقات كىنوسىنى ئالاھىدە تونۇشتۇرغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كىنودا نائىلە ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى»نىڭ قوللىشىدا، ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، گۇاڭدۇڭ-خوڭكوڭ-ئاۋمېن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ماشىنا رېمونت قىلىشنى ئۆگەنگەنلىكىدەك ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. خەۋەردە بۇ كىنونىڭ خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەنگەنلىكىگە ئېنىق ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى»، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق باش تېمىلارنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تونۇشتۇرۇش فىلىمىدىكى ئاز بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر بۇ كىنونىڭ سېپى ئۆزىدىن بىر ساختا تەشۋىقات پىلانى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، كىنودا باش پېرسوناژ نائىلەنىڭ يېقىن دوستلىرىمۇ پۈتۈنلەي خىتايلار، يەنە كېلىپ ئوغۇللار بولۇپ، نائىلەنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى، دادىسى ئۇنىڭغا دەرستە ياخشىلانمىسا بىردىنبىر چىقىش يولىنىڭ ئەرگە تېگىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى، نائىلەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشىلىقلىرىغا قارىماي، خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ماشىنا رېمونت قىلىشنى ئۆگىنىشتەك «بۈيۈك ئارزۇ»سىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقانلىقى، ئاخىر خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» سىياسىتى ئاستىدا نىشانىغا يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
گەرچە بۇ كىنودا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى باش تېما قىلىنغانلىقى دەۋا قىلىنغان بولسىمۇ، دادىسىنىڭ دوپپا كىيىپ يۈرۈشى ۋە ئۆيىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا بېزىلىشىدىن باشقا، كىشىگە ئىچى قۇرۇق بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن. جۈملىدىن باش پېرسوناژ نائىلەنىڭ خىتايلارغا، بۇددىستلارغا ئوخشاش قولىنى جۈپلەپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈشنى تىلىگەن كۆرۈنۈشى خىتاينىڭ مىللىي، دىنىي كىملىكىنى يوقاتقان، خىتايلاشقان بىر ئۇيغۇر ئوبرازىنى ياساپ چىقىشقا كۈچىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن، تەشۋىقات، مېدىيا ساھەسىگە غايەت زور خىراجەت، كۈچ ئاجراتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا كۆپلىگەن كىنو، ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ تارقاتماقتا ۋە گانا خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا ئوخشاش مۇنبەرلەردىن پايدىلىنىپ، ساختا تەشۋىقات فىلىملىرىنى بازارغا سالماقتا. مەزكۇر ساختا تەشۋىقات فىلىملىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار، باياشات ياشاۋاتقانلىقى، خىتاي سىياسىتىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار باش تېما قىلىنىپ، پۈتۈنلەي ساختا رېئاللىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلماقتا.