تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە قولغا ئالغان يەتتە خىتاي جاسۇسنىڭ سالاھىيىتى ۋە بىر قىسىم تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى.
CNN تۈرك قانىلىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە ئىجرا قىلغان زور كۆلەملىك بىر ھەرىكەتتە قولغا چۈشكەن يەتتە خىتاي ساختا بازا پونكىتلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، ئىستانبۇل، ئىزمىر، بۇرسا، مانىسا، بالىكەسىر ۋە يالوۋا قاتارلىق شەھەرلەردە تۈركىيەدىكى دۆلەت خادىملىرىنى، ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئورنى، ئالاقىلاشقان كىشىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يوللىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، قولغا ئېلىنغان يەتتە خىتاينىڭ ئىسمى ليۇ جېنخۇا، ۋۇ جىيوڭ، ۋۇ رېنجۈن، شياۋ شيوڭچياڭ، چيۇ زوۋېي، ما شيۇپىڭ ۋە زۇ دېيۈەن ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلەتكەن تېخنىكىنى پەقەت دۆلەتنىڭ ساقچى، ئىستىخبارات ئورگانلىرى سوتنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، چېگرا ئاتلاپ كەلگەن خىتايلارنىڭ بۇ ئۇسۇل بىلەن تۈركىيەدە جاسۇسلۇق قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ خىل جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، مەزكۇر خىتايلار ئۈسكۈنىنى نەچچە پارچىگە بۆلۈپ، ئوخشىمىغان ئايروپىلاندا نۆۋەت بىلەن توشۇپ ئەكەلگەن.
گەرچە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ خىتاي ئوخشاش ئورۇندا بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇلغان بولسىمۇ، ئۇلار «بىر-بىرىمىزنى تونۇمايمىز» دەپ تۇرۇۋالغان ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئېلان فىلىمى ئىشلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
نۆۋەتتە مەزكۇر جاسۇسلۇق جىنايىتى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.