يېقىندا تۈركىيەنىڭ 30 غا يېقىن ۋىلايىتىدە ئىجرا قىلىنغان ھەرىكەتتە، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان غايەت زور تور ئالدامچىلىق گۇرۇھى بىتچىت قىلىنغان بولۇپ، 70 نەچچە جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان.
CNN TURK قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ تور ئالدامچىلىق گۇرۇھى ساختا مەبلەغ سېلىش تور بېكەتلىرى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىپ، پەقەت تۈركىيەدە بىر يىل ئىچىدىلا 500 مىليون دوللار پايدا ئالغان. مەزكۇر جىنايەت گۇرۇھى ئېرىشكەن پۇللىرىنى 40 تىن ئارتۇق مەخپىي شىركەت ئارقىلىق، كامبودژادىكى مەخپىي پۇل ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە ئەۋەتكەن، ئاندىن خىتايغا يۆتكىگەن. ئۇلارنىڭ جىنايەت تورى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئالدامچىلىق ئارقىلىق بىر يىلدا دۇنيا مىقياسىدا ئېرىشكەن پايدىسى 12 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
خىتايلارنىڭ بۇ جىنايەت گۇرۇھى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە ساختا مەبلەغ سېلىش تور بەتلىرى ئارقىلىق زور پايدا ئالغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان 28 ۋىلايەتتە ئىجرا قىلىنغان ھەرىكەتتە 70 نەچچە جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان. ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆيلەردىن نەق پۇل، قورال-ياراغ قاتارلىقلار قولغا چۈشكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر جىنايەت گۇرۇھى كامبودژادا مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرى قۇرغان بولۇپ، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ياشلارنى يۇقىرى مائاش ۋەدىسى بىلەن ئالداپ، ئاۋۋال خىتايغا ئەۋەتكەن، ئاندىن مەلۇم مىقداردا پۇل بەرگەندىن كېيىن، كامبودژاغا يوللىغان. ئۇلار يېتىپ بارغاندىن كېيىن جىنايەت گۇرۇھى ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋېلىپ، سىرتقىمۇ چىقارغۇزماي، تامامەن مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېر ھالىتىدىكى ئورۇندا تور ئالدامچىلىقى ئۈچۈن مەجبۇرىي ئىشقا سالغان. ھازىرغا قەدەر ھىندىستان بۇ لاگېردىكى پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىغان. تۈركىيەنىڭمۇ بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.