ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتاي ماللىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كىچىك پوسۇلكىلاردىن تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭShein ،  Temuقاتارلىق تور سودا سۇپىلىرى ئاساسلىق نىشانغا ئايلانغان.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى قىممىتى 150 ياۋرودىن ئاشمايدىغان، ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان كىچىك پوسۇلكىلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن.

بۇلتۇر ياۋروپا ئىتتىپاقى 4 مىليارد 600 مىليون دانە كىچىك تىپتىكى پوچتا يوللانمىسى ئىمپورت قىلغان بولۇپ، ياۋروپانىڭ تاموژنا تارماقلىرى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 مىليون كىچىك پوسۇلكا بىر تەرەپ قىلغان. بۇ يوللانمىلارنىڭ %91 ى Shein ،  Temu قاتارلىق تور سۇپىلىرى ۋاسىتىسى بىلەن خىتايدىن كەلگەن.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان كىچىك پوسۇلكىلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى ياۋرو ھەق ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان. ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېرىند لانگې بۇ ھەقتە توختىلىپ: «4 مىليارد 600 مىليون دانە پوسۇلكىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سىياسەتنى ئەمەلىي ئىجرا  قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ. شۇڭا Alibaba،Temu  ياكى Shein دىن ئۇلار تۆلىشى كېرەك بولغان چىقىمنى تەلەپ قىلىش ئادىللىق بولىدۇ» دېگەن.

نۆۋەتتە كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ Temu  ۋە Shein قاتارلىق تور سودا سۇپىلىرىنىڭ ئۆز بازىرىغا ئەرزان مەھسۇلاتلارنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىنى ئەيىبلىمەكتە. بىر نەچچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدا تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا يۇقىرى نىسبەتتە تاموژنا بېجى يولغا قويغاندىن باشقا، خىتايدىن كەلگەن، قىممىتى 800 دوللاردىن ئېشىپ كەتمەيدىغان، بىۋاسىتە ئىستېمالچىلارغا يوللىنىدىغان ماللاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئىككى ھەسسە ئۆستۈرگەنىدى. كېيىن شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن بۇ باجنى %120 تىن %54 كە چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ھەربىر پوسۇلكىدىن ئېلىنىدىغان 100 دوللارلىق بىر تۇتاش ھەقنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا كىچىك تىپتىكى پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى ئېكسپورت كىرىمى 94 مىليارد دوللارغا يەتكەن، بۇ خىتاينىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىغا باراۋەر ئىكەن.

بۇ خەۋەر 76 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2025 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق