ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۆزەك مەھسۇلاتىغا قارىتىلغان چەكلىمە ھەققىدىكى باياناتىنى يۇمشاتقان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا يەنىلا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۆزىكىگە قارىتىلغان چەكلىمە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «خۇاۋېينىڭ شېنتېڭ ئۆزىكىنى ئىشلىتىش ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ» دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما كېيىن بۇ ئىبارىلەرنى ئۆزگەرتىپ، «ئالاقىدار ساھەلەرنى خىتاينىڭ ئىلغار ئۆزەكلىرىدە مەۋجۇت بولغان خەۋپتىن ئاگاھلاندۇرىمىز» دەپ يۇمشاتقان. ئەمما خىتاي بۇنىڭغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى دۈشەنبە كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ توغرۇلۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ، گەرچە ئامېرىكا باياناتىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، خىتاي تەرەپنىڭ «خىتاي-ئامېرىكا ئىقتىساد ۋە سودا مەسلىھەت مېخانىزمى» ئارقىلىق ئامېرىكىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەنۋەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتتە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى 12-ماي بايدېن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئىلغار ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە قارىتىلغان بىر قىسىم ئېكسپورت كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيادىكى سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىنى خۇاۋېي ئىشلەپچىقارغان شېنتېڭ ئۆزەكلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى.