يېقىندا خىتايدىكى بىر تور يازغۇچىسى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى مەدھىيەلەش مەقسەت قىلىنغان بۇ ماقالە ئەكسىچە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى.
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ داڭلىق تور بېكىتى بولغان كۆزەتكۈچى تورىدا «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى» نامىدىكى بىر خىتاي ئانالىزچى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە ئۇ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرگەن بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەردىن ھاياجانلانغانلىقىنى، تۈرلۈك سىياسەتلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىدىيەدە ئازاد بولغانلىقى»نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتىپ بىلجىرلىغان.
مەزكۇر خىتاي ماقالىسىدە ئىككى مەسىلىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرسى ئاشخانىلاردىكى پۈتۈنلەي خىتايچە يېزىلغان تاماق تىزىملىكى بولغان. ئۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىدىكى تاماق تىزىملىكىنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى ئۇيغۇرچە-خىتايچە يېزىلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە پۈتۈنلەي خىتايچە يېزىلىپ، ئالاقىنى قولايلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىدىيەدە ئازاد بولۇشى»، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىگە سىڭىپ كىرىشى» ۋە مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى، دەپ جار سالغان ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان سىياسىتى»، خىتاي تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە بۇ ۋەزىيەتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي يازغۇچى ماقالىدە تىلغا ئالغان يەنە بىر نۇقتا ھالال تاماق مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن ئىلگىرى «دىنىي ئىدىيەنىڭ كىشەنلىشى» ۋە ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى سەۋەبلىك چوشقا گۆشىگە يېقىن يولىمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىگە توسالغۇ شەكىللىنىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى، جۈملىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشىگە بولغان «كەمسىتىش، بىر تەرەپلىمە قارىشى»نىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، «ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قالاق ئادەتلەرنى تاشلىغانلىقى»نى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاشخانىسىدا تاماق يېيىشىنىڭ نورمال بىر ئىشقا ئايلانغانلىقىنى ئېيتىپ، نومۇسسىزلارچە بىلجىرلىغان.
ئۇ خىتاينىڭ بۇندىن ئىلگىرى سىياسەتلىرىنى مىسال تەرىقىسىدە بايان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردا نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالال يېمەكلىك مەسىلىسىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر، ئەمما مۇسۇلمان ئەمەسلىكىدەك «مەيدانىنى ئېنىق جاكارلىغانلىقى»نى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ باش بولۇپ، خىتاي ئاشخانىسىغا كىرىپ چوشقا گۆشى يېگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
مەزكۇر خىتاينىڭ ماقالىسى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، دىنىي باستۇرۇش، تىل-يېزىقنى چەكلەش... قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشكارىلاپ بەرگەن. بۇلارغا قارىماي، ئىشغالىيەتچى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىدەك سەپسەتىسىنى بازارغا سېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.