تەيۋەن دېموكراتىك گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيەسىگە جاسۇسلۇق قىلىشقا چېتىشلىق بەش پارتىيە ئەزاسىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىدە مەزكۇر گۇماندارلار خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، تەيۋەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پىرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتنىڭ دوست دۆلەتلەرگە قىلغان زىيارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرىي مەخپىيەتلىكلىرىنى توپلىغان، دەپ گۇمان قىلىنغان.
تەيۋەننىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان. پېنسىيەگە چىققان ۋە ئاكتىپ تەيۋەن ھەربىي خادىملىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغان.
تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇلتۇر 64 كىشىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، 2022- ۋە 2023-يىلى بۇ ساننىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 48 ۋە 10 ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2024-يىلى ئەيىبلەنگەنلەر ئىچىدە 15 پېنسىيەگە چىققان ھەربىي خادىم ۋە 28 ئاكتىپ ھەربىي خادىم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېغىر جازا مۇددىتى 20 يىل ئىكەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە جاسۇسلىرى ئارقا-ئارقىدىن پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، جاسۇسلۇق قىلغانلار خىتاي پۇقرالىرى بولۇپلا قالماي، يەنە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، ھەتتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.