ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئورۇن ئالدى

تۈركىيەدە 22-مايدىن تارتىپ 25-مايغىچە داۋاملىشىدىغان 7-نۆۋەتلىك ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر فېستىۋالى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس چېدىر قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلدى.

يىلدا بىر قېتىم داۋاملىشىپ كەلگەن مەزكۇر فېستىۋالغا بۇ يىل 35 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئوقيا ئېتىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلەر، ئويۇنلار، ئەنئەنىۋى سەنئەتلەر ۋە باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلەر زىيارەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى قاتنىشىپ، تەبرىك سۆزى قىلدى ۋە بۇ فېستىۋالنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتى.

بۇ يىللىق فېستىۋالدا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس چېدىر قۇرۇپ، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى تونۇشتۇردى. چېدىرغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرى، سەنئەتكە تويۇنغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى، سەنئەت ئەسەرلىرى قويۇلۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

فېستىۋالدا يەنە بالىلار ئۈچۈن تۈرلۈك ئويۇنلار، پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى ئەۋلادلارغا تۈرك دۇنياسىنىڭ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەت، كۈلتۈر، سەنئىتىنى يېقىندىن ھېس قىلدۇرۇش پۇرسىتى تەمىنلەپ بېرىلگەن.

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2025 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق