ئۆگزىسى غۇلاپ چۈشكەن قەدىمىي ئىمارەت خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى

يېقىندا خىتايدىكى 600 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر ئىمارەتنىڭ ئۆگزە قىسمى غۇلاپ چۈشكەن بولۇپ، ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدا كۆپلەپ تارقىلىپ دىققەت قوزغىدى. بۇ ۋەقە ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان بىر قىسىم تەپسىلاتلار خىتاينىڭ ساختىپەزلىكلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

19-ماي خىتاينىڭ چۈجوۋ شەھىرىگە قاراشلىق فېڭياڭ ناھىيەسىدىكى 600 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارالغان «دۇمباق راۋىقى»نىڭ ئۆگزىسىدىكى كۆپ قىسىم جايلار تۇيۇقسىز تۆكۈلۈپ چۈشكەن. تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتا راۋاق ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان خىتايلار بار بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ھەممىسى تۆت تەرەپكە قېچىشقان. ئىمارەت ئەتراپىدا قويۇق چاڭ-توزان كۆتۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر راۋاقنىڭ ئۆگزىسى تېخى بىر يىل بۇرۇن رېمونت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە نىسبەتەن قايتىدىن سوئال پەيدا قىلغان. بۇلاردىن سىرت، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە مەزكۇر راۋاق نەچچە ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە دەپ دەۋا قىلىنغان بولسىمۇ، ئىمارەتنىڭ راۋاق قىسمى 1850-يىللاردىكى ئۇرۇشتا ۋەيران بولۇپ، پەقەت ئۇل قىسىمى ساقلىنىپ قالغانىكەن. ھازىرقى راۋاق قىسمى 30 يىل بۇرۇن ياسالغان بولۇپ، «ساختا يادىكارلىق» دەپ قارىلىپ كەلگەن.

مەزكۇر ئىمارەتنىڭ ئۆگزىسىنىڭ يېقىنقى دەۋرلەردە ياسالغان بولۇشى ۋە ئالدىنقى يىلى رېمونت قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى، بۇلاردىن سىرت تايلاندتىكى يەر تەۋرەشتە خىتايلار سالغان بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى قاتارلىق خەۋەرلەر خىتايدىكى پارىخورلۇق، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 115 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2025 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق