خىتاي يەنە بىر خەلقئارالىق يىغىننى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلدى

خىتاي 2025-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خەلق گېزىتى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ھەمكارلىقىدا 2025-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى 23-ماي ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ئالدىنقى كۈنى ۋەكىللەرنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان.

ما شىڭرۈي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش» سىياسەتلىرىنى توختاتماي ئىجرا قىلغانلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىپ، تىنچ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى كۈچلەرنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش» قاتارلىق يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكرارلاپ بىلجىرلىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «خىتاي يىلى» بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئەزا دۆلەتلەر تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرىگە 26 دۆلەتتىكى 300 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ رايون ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا مۇنبەر ئۆتكۈزگەندە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى، بۇ مۇنبەر ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ ئورگانلىرى بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 400 مىليارد يۈەندىن ئاشقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە %75تىن كۆپرەكىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىدىن كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېسىم قانۇن مۇنبىرى دا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىنلارنى، جۈملىدىن خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى، دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېسىم قانۇن مۇنبىرى قاتارلىقلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى پەردازلاش خىتاينىڭ بۇ يىغىنلارنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتلىرىدىن بىرى بولماقتا.

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2025 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق