چاقماق خەەر

خىتاي خوتەندە خىتاي تېبابىتى تەتقىقات ئورنى قۇردى

خىتاي يېقىندا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەركىزى بولغان خوتەندە خىتاي تېبابىتى تەتقىقات مەركىزى قۇرغان بولۇپ، بۇنى شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان «داۋالاش ياردىمى» دەپ دەۋا قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوتەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا «تۇڭرېنتاڭ خىتاي تېبابىتى مەدەنىيەت تەتقىقات بازىسى» قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ خىتاي تېبابىتى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، خىتاي تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سېلىنغان.

خەۋەردە بۇ بازا پۈتكەندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆسۈملۈك دورىلىرى، دورىلىق چايلىرى، خىتاي ئۆسۈملۈك دورىلىرى رېتسېپى قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغانلىقى، خىتاي تېبابىتى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھىم ئىلمىي، مەدەنىي مىراسلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىگە چاڭ سېلىپ كەلگەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقاتىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، نەزەرىيە ئاساسى جەھەتتە خىتاي تېبابىتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان ئۇيغۇر تېبابىتىنى خىتاي تېبابىتىنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان. ئۇندىن باشقا، خىتاي دورىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسېپلىرىنى ئوغرىلاپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايەتلىرىمۇ تېبابەت ساھەسىدىكى شەخسلەر تەرىپىدىن پاش قىلىنغان.

بۇرۇن ئېلان قىلىنغان خىتاي خەۋەرلىرىدە 2025-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق يېزا-بازار شىپاخانىلىرىدا خىتاي تېبابىتى سارىيى تەسىس قىلىنىپ، خىتاي تېبابىتى-دورىگەرلىكىگە ماس كېلىدىغان تېخنىكىلار قېلىپلاشتۇرۇلۇپ كېڭەيتىلىدىغانلىقى، خىتاي تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرلارنىڭ شۇ ئاپپاراتتىكى دوختۇرلار ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %25 تىن ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ خىتاي تېبابىتى-دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 957 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2025 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق