3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ياشلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقا بىر تۈركۈم تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 23-مايدىن 25-مايغىچە گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 20 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، پائالىيەتچىلەر، شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىپ، تۈرلۈك تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان.

يىغىندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارالىق قانۇن بويىچە جازالاش، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشى، ئىچكى-تاشقى خىرىسلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەر، تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلار بويىچە سۆھبەت، مۇھاكىمىلەر ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاخىرقى كۈنى يىغىن خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقىي نىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي يۇتۇۋېلىش، خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۈكۈتى، جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكى سەۋەبلىك خىتاينىڭ تېخىمۇ يۈرەكلىك ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 238 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2025 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق