خىتاي نۆۋەتتە دۇنيادىكى كۆپلىگەن مۇھىم مىنېرال ماددىلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ ساھەدىكى مونوپوللۇقى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. ھالبۇكى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئاساسلىق تەبىئىي بايلىق مەنبەسى بولماقتا.
پارىژغا جايلاشقان خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان مىس، لىتىي، كوبالىت، گىرافت ۋە سىيرەك توپا قاتارلىق مۇھىم مىنېرال ماددىلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تەمىنلىنىشى بىر نەچچە دۆلەتكە مەركەزلىشىپ قالغان. 2024-يىلى بۇ قېزىلما بايلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئالدىنقى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە بازار ئۈلۈشى %86 كە يەتكەن.
دوكلاتتا ئالاھىدە كۆرسىتىلىشچە، خىتاي ھازىر دۇنيادىكى 20 ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقنىڭ 19 ىنىڭ ئاساسلىق پىششىقلاپ ئىشلىگۈچىسى بولۇپ، بازار ئۈلۈشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %75 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ ۋەزىيەت دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا بېقىنىپ قېلىشىنى، شۇنداقلا ھاۋارايى، سودا توقۇنۇشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەمىنلەش زەربىسىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى كۈچەيتىدىكەن.
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ياۋروپاغا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى، شۇنداقلا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى مىسال تەرىقىسىدە تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت قاراتمىلىقى بولغان تېخىمۇ كۆپ مالىيە ياردىمى ۋە سىياسىي ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، مۇھىم كان ئېچىش تەرەققىياتىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك ئىكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئامېرىكا ياسىمىچىلىق سانائىتى، بولۇپمۇ ئۆزەك، ماشىنا ئادەم، توكلۇق ئاپتوموبىل، باتارېيە ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق ساھەلەر بەلگىلىك دەرىجىدە باستۇرۇلغان. تىرامپ ۋەزىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى ئۈچ ئايدا چەت ئەلنىڭ مۇھىم مىنېرال ماددىلىرىغا تايىنىشنى ئازايتىشنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. تىرامپ بۇ يىل 2-ئايدا يەنە مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتتىن مىس كانى قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئاساسلىق مىنېرال ماددا تەمىنلىگۈچىگە ئايلىنىشىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭ ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇلتۇر ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرى مول، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بايقالغان تۈرلۈك قېزىلما 153 خىل، ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى 103 خىلغا يېتىدىكەن. بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىتاي بايلىقنىڭ %88 ىنى ۋە %63 ىنى ئىگىلەيدىكەن.