ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ تور سودا شىركىتى Shein نى ساختا باھا چۈشۈرۈش، بېسىم بىلەن سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا چېتىلىش، ئىستېمالچىلارنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇردى.
BBC نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 26-مايدىكى باياناتىدا ئىستېمالچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، Shein شىركىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى، بۇلار قايمۇقتۇرغۇچى ئۇچۇر، ئالدامچىلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات ماركىسى، قايمۇقتۇرغۇچى ئېلان ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى يوشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تەكشۈرۈشتە يەنە Shein نىڭ ئىلگىرىكى سېتىش باھاسىغا ئاساسلانمىغان ھالدا باھا چۈشۈرگەنلىكى، يالغان ئېتىبار تەكلىپلىرىنى سۇنغانلىقى ۋە ساختا مۇددەت بېكىتكەنلىكى، بۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا سېتىۋېلىش بېسىمى چۈشۈرگەنلىكى پاش قىلىنغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە Shein شىركىتىنى بىر ئاي مۆھلەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكى، بولمىسا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىكى سېتىلىش مىقدارىغا ئاساسەن جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
Shein نىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا جاۋابەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ئەرزان باھا ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردە تېز سۈرئەتتە بازار ئىگىلەۋاتقان شىركىتى Shein كۆپلىگەن تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ نۇقتىلىقلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش بولماقتا.