مالى جۇمھۇرىيىتىدە بىر خىتاي شىركىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

مالى جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتى قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، شىركەتنىڭ ئامبار ۋە ئېغىر تىپتىكى ماشنىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربى قىسمىدا تاشيول ياساۋاتقان خىتاينىڭ چەت ئەل ئىنشائات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 24-ماي ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. شىركەتنىڭ تاشيولغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ئەسلىھەلىرى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان بولۇپ، شىركەت ئامبىرى ۋە كىران، تىراكتور قاتارلىق ماشىنا، ئەسلىھەلەر كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئەمما قولىدا شىركەت ئورنىنىڭ چېرتيوژ بار ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار پىلانىنى تېزلا ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇق چېكىنگەن. مۇخبىر ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى نىشانى شىركەتنىڭ خىتاي باشقۇرغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ نەق مەيداندا يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ مەزكۇر رايوندا قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشى ئەمەس بولۇپ، بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايلار باشقۇرىدىغان بىر كان رايونىمۇ قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

خىتاي ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتېن ئامېرىكىسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى قەرز تۇزىقىغا چۈشۈرۈپ، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزمەكتە. مۇھىت بۇلغاش، يەرلىك ئاھالىنىڭ ھاياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، خىتاي ئىشچىلارنى ئىشلىتىش، تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا ۋە تۈرلۈك ھۇجۇم، توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولماقتا.

بۇ خەۋەر 231 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2025 13:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق