خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە يىغىن ئاچتى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى ئارقىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان خىتاي 25-ماي ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە 2025-يىللىق ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى» ئېچىپ، بۇ جىنايىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ساياھەت كەسپىنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا كىرگۈزۈلۈپ چىڭ تۇتۇلغانلىقى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنى ياراتقانلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

خەۋەردە مەزكۇر يىغىننىڭ نېمە ئۈچۈن كۇچاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ، «مىڭ يىللىق كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇش... خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلىش» دېگەندەك ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان. خىتاي بۇلتۇر ئىيۇل ئېيىدا كۇچا يەر ئاستى قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيىنى ئېچىپ، قەدىمىي قەبرىنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىنى ئىلمىيلىككە زىت ھالدا بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەنىدى ۋە مەزكۇر قەبرىستانلىقىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىن بېرى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكى، تارىختا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى رايونلاردا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىيە خەلقلەر ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ياشىغانلىقى»دەك نومۇسسىزلارچە سەپسەتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغانىدى. شۇنداقلا بۇ ئايدا خىتاي يەنە كۇچادا چوڭ مۇزېي توپى قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغانىدى.

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بۇ يىغىنغا 33 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە ئاۋاز قوشقان.

يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپ توپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2025 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)» ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر پىلاندا 2030-يىلىغا بارغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانىنى 400 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تىجارەت كىرىمىنى بىر تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش پىلانلانغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلىگەن ساياھەت نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلىك ساھەسىگە ئالاھىدە كۈچىمەكتە. ئەقىل ئامبارلىرى خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى ھەققىدە بىر قىسىم دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ، كۆپلىگەن خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ، خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى»گە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 173 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2025 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق