ئۇكرائىنا: خىتاي رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائەت زاۋۇتلىرىنى مۇھىم ئەشيا بىلەن تەمىنلىدى

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر تۈركۈم خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھەپتە يەنە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ 20 ھەربىي سانائەت زاۋۇتىنى مۇھىم ئەشيالار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئولېخ ئىۋاشچېنكو 26-ماي ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى كارخانىلىرىنى ئىستانوك، ئالاھىدە خىمىيەلىك بۇيۇملار، ئوق دورىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىمەكتە» دېگەن.

ئۇ يەنە رۇسىيەدىكى بۇنىڭغا چېتىشلىق زاۋۇتلارنىڭ 20 گە يېتىدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار ئاز دېگەندە بەش دېلونىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ 27-ماي رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلىپ، كونا ئىبارىلەرنى تەكرارلاپ، خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى، ھېچقانداق بىر تەرەپنى ئەجەللىك قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكى، ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئالدىنقى ئايدىكى باياناتلىرىدا كەم دېگەندە 155 خىتاينىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىن ئاخباراتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلغانىدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلان قىلغان جازا تىزىملىكىگە رۇسىيەنىڭ شىركەت، ئورگانلىرىدىن باشقا، ئۈچ خىتاي شىركىتىنىمۇ كىرگۈزگەنىدى.

بۇ خەۋەر 264 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2025 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق