خىتايدىكى بىر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

27-ماي خىتايدىكى بىر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بېرىپ، بەش خىتاي ئۆلگەن، ئالتە خىتاي يوقاپ كەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 27-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 12 ئەتراپىدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋمى شەھىرىدىكى يوۋداۋ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇتىدا كۈچلۈك پارتلاش يۈز بەرگەن. يوۋداۋ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 300 خىزمەتچىسى بار ئىكەن.

تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە غايەت زور ئىس-تۈتەكنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنلىكى، سانائەت رايونىدا ئوت يالقۇنىنىڭ ئاسمانغا ئېتىلىپ چىقىۋاتقانلىقى ۋە دۇكانلارنىڭ دېرىزىلىرىنىڭ پارتلاش زەربىسىدە چېقىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ زاۋۇت، كانلىرىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك ھادىسىلەر ئۈزۈلمەي يۈز بەرگەن. ئەڭ ئېغىر ھادىسىدىن بىرى بولسا 2015-يىلى تيەنجىندىكى بىر خىمىيەلىك ماددا ئىسكىلاتىدىكى پارتلاش بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كەم دېگەندە 165 خىتاي ئۆلگەن.

بۇ خەۋەر 231 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2025 13:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق