خىتاي تارىم نېفىتلىكىدە 200 گە يېقىن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلىغان

خىتاينىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان تەبىئىي بايلىقلىرى ئىچىدە نېفىت، تەبىئىي گاز مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، خىتاي ھازىرغا قەدەر تارىم نېفىتلىكىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقتىن 193 نى بۇرغىلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-مايدىكى خەۋىرىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل تارىم نېفىتلىكى بۇرغىلاپ تاماملىغان چوڭقۇر يەر قاتلىمى «تاكې 1 ـ قۇدۇقى» ئاسىيا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى تىك چوڭقۇر قۇدۇق بولۇپ قالغان. خىتاي تارىم نېفىتلىكىدە 8000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقتىن 193 نى بۇرغىلاپ چىققان بولۇپ، بايقىغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت ـ تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى خىتاينىڭ پۈتۈن زاپاس مىقدارىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلىگەن.

خەۋەردە بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامى بىلەن پەردازلانغان بۇلاڭ-تالاڭدىكى ئاساسلىق تەبىئىي گاز مەنبەسى بولغانلىقى، ھازىرغا قەدەر تارىم نېفىتلىكىنىڭ جەمئىي 172 مىليون توننا نېفىت، 473 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇلار پەقەت تارىم نېفىتلىكىدىكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان بايلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا 250 دىن ئارتۇق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت-تەبىئىي گاز قۇدۇقى بۇرغىلانغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىپ، خىتايغا توشۇشنى بىر كۈنمۇ توختاتماي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش، بۇلاڭ-تالاڭ قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، تېخنىكىسىنى داۋاملىق ئىلغارلاشتۇرۇپ، دەرىجىدىن چوڭقۇر نېفىت قۇدۇقلىرىنى قېزىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىتىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 468 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2025 13:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق