خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى بۈگۈن يېڭى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» باھانىسى بىلەن پىلانلىق ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ئاخباراتچىلىقنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە گېرمانىيەنىڭ خەۋەر ئورگىنى « DER SPIEGEL» يېقىندا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «خىزمەت پىروگراممىلىرى»غا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى بايقىغان.
مەزكۇر تەكشۈرۈشتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بەش كەسىپكە ئالاقىدار 70 نەچچە زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن. ئۇلار خىتاي زاۋۇتلىرىدا نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلار ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ پىروگراممىلاردا تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن. خىتاينىڭ تور ۋە ئاخبارات ساھەسىنى قاتتىق كونترول قىلىشى سەۋەبلىك، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى شارائىتى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمگەك مۇتەخەسسىسلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى بۇ پىروگراممىلارنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.
ماقالىدە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ ئەمگەككە سېلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلانغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئارقىلىق جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالمىغان ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالىدە يەنە 2018-يىلى نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىلار يازغان ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا سۇنۇلغان دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش پىلانىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى مىسال تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش جىنايىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان ئاز بىر قىسىم سىنلار ئارقىلىقمۇ دەلىللىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا بۇ جىنايىتىنى پەردازلىماقتا. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ئاققۇنلىرى ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر، يۇقىرى مائاش تەشۋىقاتلىرى بىلەن، شەرقىي تۈركىستانغا تۈركۈملەپ يەرلەشتۈرۈلمەكتە.