بىرازىلىيە ئەدلىيە ئورگىنى BYD ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

بىرازىلىيە ئەدلىيە خادىملىرى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى BYD ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھۆددىگەر شىركىتىنى ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە قۇللۇققا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەمگەك شارائىتى ھەققىدە ئەرز سۇندى.

BBC نىڭ 28-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرازىلىيەنىڭ ئاممىۋى ئەمگەك تەپتىش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نامسىز شىكايەتلەر ئاساسىدا تەكشۈرۈش باشلىغاندىن بۇيان، 220 خىتاي ئىشچىنى قۇتقۇزغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر ئىشچىلار قۇللۇققا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىنتايىن ناچار شارائىتتا ئىشلىگەن ۋە ياشىغان بولۇپ، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى چەكلەنگەن، پاسپورتلىرى تارتىۋېلىنغان، مائاشىنىڭ كۆپ قىسمى تۇتۇپ قېلىنغان. ئۇندىن باشقا ئۇلار يەنە خەلقئارالىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋاسىتىسى بىلەن بىرازىلىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن، دەپ قارالغان. نۆۋەتتە ئۇلار بىرازىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان.

BYD شىركىتى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بىرازىلىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى، شىركەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلارنى قوغداش، خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش جەھەتتە كۈچ چىقىرىپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ماگناتىغا ئايلانغان BYD شىركىتى نۆۋەتتە باھا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىنى ئىگىلىمەكتە.

BYD شىركىتى يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگىمۇ چېتىشلىق بولۇپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) بۇلتۇر 2-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا BYD قاتارلىق خەلقئارالىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەۋجۇت بولۇشتىن ساقلانمىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقارغۇچى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي رېجىمى قوللىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىدىكى ئىشچىلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنىڭ بارلىقى، BYD قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 264 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2025 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق