ئامېرىكا ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كەسكىن قارار خىتايلارنى ئەندىشىگە سالدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 28-ماي كەچتە ئورگان تور بېكىتىدە بۇ توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلغان. باياناتقا «يېڭى ۋىزا سىياسىتىدە خىتاي ئەمەس، ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇندا» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئالاقىدار باياناتىدا قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ياكى ھالقىلىق ساھەلەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋىزا تەستىق ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خىتاي ۋە خوڭكوڭدىن كېلىدىغان ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىكەن.
بۇ قارار ئېلان قىلىنىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچى ۋىزىسىنىڭ يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشلىرىنى ۋاقتىنچە توختاتقۇزغان.
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ سانى تەخمىنەن 280 مىڭغا يەتكەن. نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى مۇھىم مەبلەغ مەنبەسى سۈپىتىدە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا تايىنىپ كەلگەن. گەرچە خىتاي ۋىرۇسى، سودا ئۇرۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن ئازايغان بولسىمۇ، ھازىر ئامېرىكىدىكى سانى ئەڭ كۆپ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار يەنىلا خىتايلار بولغان.
تىرامپ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىر قىسىم چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوغلاپ چىقىرىش ۋە مىڭلىغان ۋىزىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەدبىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كەسكىن قارارى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئۇلار ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماسلىقىدىن، ئۇنۋان ئالالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مائارىپ ئالاقىسى ۋە ئىلمىي ھەمكارلىقنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.