ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: كېلىشىم ئۈچۈن تىرامپ بىلەن شى بىۋاسىتە كۆرۈشۈشى كېرەك

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىۋاتقانلىقىنى، تولۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا-خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-ماي جەنۋە شەھىرىدە مەلۇم جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئارىدىن ئۈچ ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت فوكس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلدى. ئۇ نۆۋەتتە ئىلگىرىلەشنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ سۆھبەتنىڭ روياپقا چىقىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

سىكوت بېسېنت: «سۆھبەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆزئارا پىكىرلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى. ئەگەر پىرېزىدېنت تىرامپ ئۆزىنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرسەتسە، خىتاي سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىدۇ» دېدى.

بۇ خەۋەر 355 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2025 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق