يېقىنقى يىللاردا بىر قىسىم خەلقئارالىق مېھمانخانىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتىگە شېرىك بولۇش بىلەن، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم زەنجىرسىمان مېھمانخانىلار يەنىلا بۇ جىنايەتكە شېرىك بولماقتا.
ئاۋسترالىيەنىڭ ئارگىل مېھمانخانا گۇرۇھى يېقىندا غۇلجىدا يېڭى مېھمانخانا قۇرۇش توختامى ئىمزالىغان. يېڭى مېھمانخانا كۈنەس ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 5640 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن. مەزكۇر ھەشەمەتلىك مېھمانخانا 2026-يىلى 6-ئايدا ئېچىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى ئالدىنقى 50 مېھمانخانا گۇرۇھىنىڭ بىرى بولغان ئارگىل مېھمانخانا گۇرۇھىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى 200 شەھەردە 220 دىن مېھمانخانىسى بار ئىكەن. مەزكۇر گۇرۇھ 2002-يىلى ئاۋسترالىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ لىمىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئىكەن.
ۋاشىنگتونغا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى» بۇ يىل 17-ئاپرېل يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، 189 خەلقئارالىق مېھمانخانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى تىجارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى ۋە مەزكۇر مېھمانخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تىجارىتىنى كېڭەيتىش پىلانلىرىنى توڭلىتىشى، پائالىيەتلەرنى توختىتىشى ۋە تىجارەت ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغانىدى.