يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى سايرام كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا يېڭىدىن قىيا تاش سىزمىلىرى بايقالغان بولۇپ، 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىيا تاش سىزمىلىرى توپى سايرام كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى يانتۇلۇقى 90 گىرادۇسقا يېقىن تىك قىياغا جايلاشقان. ئىككى ئورۇندىكى قىيا تاشلاردا ئادەملەر، ھايۋانلار ۋە ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 سىزما تېپىلغان.
خىتاي ئارخېئولوگلار بۇ سىزمىلاردا تەخمىنەن 2500 يىل ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھايات كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەنلىكىنى، تاغ تېكىسى، ئارقار قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سىزمىلىرى سايرام كۆلى رايونىنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىمۇ مۇنبەت ئوتلاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ 2023-يىلى 11-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندا 4-قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر 976 يېڭى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايقالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىدىكى ھەقىقىي مەقسىتىگە ئىشارەت قىلىنىپ، بىر قاتار مۇھىم يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى»نىڭ تارىختىن بۇيان كۆپ خىللاشقان، بىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلمىسىنى ئىسپاتلىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
يېقىنقى يىللار مابەينىدە، خىتاي ئىزچىل تەرىقىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ تەشۋىق قىلماقتا.