ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئاسىيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھېگسېس بۇ سۆزلىرىنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن شانگرىلا دىيالوگ مۇنبىرىدە قىلغان. ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي شەكىللەندۈرگەن تەھدىت ھەقىقەتەن مەۋجۇت، يەنە كېلىپ قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.
ئۇ يەنە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋالغان تەقدىردە، بۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھالاكەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىرامپنىڭ ئۆزى پىرېزىدېنت بولۇۋاتقان مەزگىلدە خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىنى قايتا تىلغا ئالغان.
ھېگسېس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھەممە كىشى شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، خىتاي ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلماقتا» دېگەن ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قانۇنسىز زېمىن ئىگىلەش، ھەربىيلەشتۈرۈش، تور ھۇجۇمى قوزغاش، قوشنا دۆلەتلەرگە داۋاملىق پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى تىلغا ئالغان.
ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى خىتايلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بايانلىرىنىڭ ئىنتايىن دوستانە بولمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ دېڭىزدىكى مانېۋىرلىرى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىزچىل تەرىقىدە «تىنچ بىرلىشىش»نى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلىشقان.