خىتايلار چەت ئەلدە ئەڭ كۆپ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پاكىستاندىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى يېقىندا خىتايغا ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بولۇپ، خۇسۇسەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شەيخ جاففار خان ماندوخەيل 26-ماي بېيجىڭغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئۇنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ليۇ بىن كۈتۈۋالغان. ئۇ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، 30-ماي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، مۇئاۋىن سېكرېتارى چېن مىڭگو ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
ما شىڭرۈي ئۇچرىشىش يىغىنىدا خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلاشقانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش»نى تولۇق ئىجرا قىلىپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بەرگەنلىكىدەك كونا ئىبارىلىرىنى تەكرارلىغان.
ئۇ يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق»نى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقى، ھەر خىل تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقى، قېزىلما بايلىق، دېھقانچىلىق، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
شەيخ جاففار خانمۇ سۆز قىلىپ، تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بەلۇجىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بەلۇجىستاندىكى قېزىلما بايلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەلۇجىستان ئۆلكىسى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى»دىكى مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي خۇسۇسەن بەلۇجىستاندىكى پورت شەھىرى گىۋادارغا زور مەبلەغ سالغان. پاكىستان بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشتا خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە باشقا ياردەملىرىگە تايىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ جايدىكى تۈرلۈك پىلانلىرى رايوندىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىگە ئوخشاش قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا.
ئۇلار پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بەلۇجىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك قوراللىق ھۇجۇملار يۈز بېرىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن، 2021-يىلى خىتايلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توققۇز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەم ئۆلگەن. 2022-يىلى ئاپرېل ئېيىدا پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىگە جايلاشقان كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئۈچ خىتاي ئۆلگەن. 2024-يىلى مارت ئېيىدا بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ماشىنىسىنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توسما قۇرۇلۇشىغا كېتىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلارنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە سوققان، نەتىجىدە ماشىنىدىكى بەش خىتاي، بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەن. بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسىگە بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى مەسئۇل بولغان.
ئۇندىن باشقا، بۇ يىل مارت ئېيىدا خىتاينىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى مەنپەئەتلىرىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان بەلۇجىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغان بولۇپ، «بەلۇجىستان مىللىي ئازادلىق سېپى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىتتىپاق پاكىستاندا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى بۇزۇش، يەرلىكتىكى بايلىقلارنى بۇلاڭ–تالاڭ قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.