خىتاي بۇ يىللىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچتى

خىتاي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش» نامىدا مەخسۇس يىغىن ئاچتى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى 31-ماي ئۈرۈمچىدە 2025-يىللىق ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى» ئاچقان ۋە بۇ يىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاي ھەر يىلى بۇ نامدا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ باستۇرۇش جىنايىتىنى پىلانلاپ، ئىجرا قىلىپ كەلگەن. بۇ يىلقى ئوخشاش نامدىكى يىغىندا 2025-يىلىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك بۇ ھەرىكەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

يىغىندا بۇلتۇر شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتى»دىن رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ 97كە يەتكەنلىكى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ خىتاي بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىنغان. يىغىن سىنلىق تەرىقىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەڭ ئېچىلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك ناملار ئاستىدا باستۇرۇش، نازارەت، كونترول ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەر تەرەپتىن كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا قورشاپ تۇرماقتا. بۇ يىل خىتاي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىمۇ بۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 2840 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2025 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق