چاقماق خەەر

ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت ھارپىسىدا خىتاي بايرىمىنى مەجبۇرىي تەبرىكلىدى

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت يېقىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر خىتاينىڭ تاڭزۇڭزا (دۈەنۋۇ) بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاندى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش جەريانىدا، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىپ كەلگەن بولۇپ، بۇرۇن خىتاينىڭ ئەنئەنىسى دەپ تەكىتلىنىپ كەلگەن تۈرلۈك بايراملار نۆۋەتتە «بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى» نامىدا تەشۋىق قىلىنماقتا.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق جايلىرىدا خىتاينىڭ تاڭزۇڭزا بايرىمى ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەر، مۇسابىقىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەۋەردە خوتەن، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن مىسال كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، خوتەن «ئەجدىھا قولۋاق كوماندىسى»نىڭ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ خۇنەنگە جايلاشقان مىلوجياڭ دەرياسىدىكى قولۋاق مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقى، بۇ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى بىلجىرلاشلار ئورۇن ئالغان.

خەۋەردە يەنە ھەرقايسى مىللەت خەلقىنىڭ بايرام مەزگىلىدە قولۋاق ھەيدەش، زۇڭزا تۈگۈپ يېيىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بايرام تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تارقالغان سىنلاردا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتايچە ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، زۇڭزا تۈگۈش، قەغەز قىيىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەنگەنلىكى، سەھنىلەردە تۈرلۈك نومۇرلارنى ئورۇندىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاتالمىش «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» (يەنى ئاتالمىش خىتاينى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، خىتايچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش)، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى بىلەن باغلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بولسا چەتكە قېقىلماقتا، چەكلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 8663 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2025 18:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق