ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادىتىمۇ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالمىدى

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادەتلىرىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالماقتا.

ئالدىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردىكى كۆرۈنۈشلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى. مەزكۇر سىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ توي مەرىكىسىدە كېلىن ۋە كۈيئوغۇلنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلارنىڭ قىزىل رەڭلىك ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ توي قىلغانلىقى، مەرىكە زالىغا خىتاينىڭ پانۇسلىرى ئېسىلغانلىقى، توي ئادەتلىرىنىڭمۇ پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتايچە كىيىمدىن باشقا، يەنە ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغىنى كېلىنلەر ۋە كۈيئوغۇللارنىڭ خىتايلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئاتا-ئانىسىغا تازىم قىلىشى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىغا، ئەنئەنىسىگە پۈتۈنلەي زىت ھالدا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇشى بولغان. مەيلى توي قىلغۇچىلار بولسۇن، ياكى قاتناشقۇچىلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ چىرايىدا توي خۇشاللىقىدىن ئەسەر كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئەكسىچە بىئاراملىق، قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆرۈنۈشلەردىن بۇ خىل تويلارنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ كىملىكىنى، ئېتىقادىنى، ئەنئەنىلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا، خىتايچىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شاھىتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تويدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچلارنىڭ بىرى بولغان نىكاھ ئوقۇشمۇ ئاللىبۇرۇن چەكلەنگەن، خەلق ئاشكارا تىلغا ئالالمايدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. خەلقنىڭ نۆۋەتتىكى ئازغىنە خۇشاللىق كۈنلىرى ھېسابلىنىدىغان توي مەرىكىلىرىمۇ خىتاينىڭ قارا قولىدىن قۇتۇلۇپ قالالمىغان. 

بۇ خەۋەر 2910 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2025 19:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق