ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە مىڭغا يېتىدىغان، ئاساسلىق ئۇيغۇرلار بولغان چەت ئەللىك جەڭچىلەرنى دۆلەت ئارمىيەسىگە قوشۇشىغا ماقۇللىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئىيۇن ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە يېڭىدىن سۇرىيە ۋەكىللىكىگە تەيىنلىگەن توماس باراك بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان. ئۇ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سۇرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن سادىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى دۆلەت سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە قالدۇرۇشنىڭ چىقىرىۋېتىشتىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇندىن ئىلگىرى تىرامپ ھۆكۈمىتى سۇرىيەدىكى چەت ئەللىك جەڭچىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.
خەۋەردە دونالد تىرامپنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيەگە بولغان پوزىتسىيەسىدە كەسكىن ئۆزگىرىش بولغانلىقى، ئەسەد دەۋرىدىكى سۇرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن جازالارنىڭ تىرامپ تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، تىرامپنىڭ رىيادتا سۇرىيەنىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى ئەھمەد شەرئى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە يېقىن دوستى توماس باراكنى سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
نۆۋەتتە سۇرىيەنىڭ ئۈچ مۇداپىئە ئەمەلدارى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان تەخمىنەن 3500 چەت ئەللىك جەڭچىنى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 84-دىۋىزىيەگە قوشۇۋېتىدىغانلىقىنى، بۇ دىۋىزىيەدە سۇرىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئەمەلدارى ئوسمان بۇغرا رويتېرس ئاگېنتلىقىغا يازغان جاۋاب خېتىدە تەشكىلاتنىڭ ھازىر سۇرىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، سىرتقى ئورگانلار ياكى گۇرۇپپىلار بىلەن مۇناسىۋەت ساقلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەشەر ئەسەد رېجىمى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەھمەد شەرئى باشچىلىقىدىكى يېڭى ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئورۇن ئالغانىدى. جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى شام شۆبىسىنىڭ ھەربىي قوماندانى ئابدۇلئەزىز داۋۇت سۇرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 133-دىۋىزىيە گېنېرالى بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى، ئۇندىن باشقا، ئابدۇسالام ياسىن ئەھمەد ۋە مەۋلان تۇرسۇن ئابدۇسەمەت پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىدى. خىتاي بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، سۇرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشى كېرەكلىكى» ھەققىدە جار سالغانىدى.
ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئەقىل ئامبىرى «ۋاشىنگتون ئىنستىتۇتى» 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئانالىز ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەد رېجىمىنى ئاغدۇرۇشتىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينى نىشانلاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەر ھەققىدىكى ئەندىشىسىنىڭ قاتتىق كۈچەيگەنلىكىنى، خىتاينىڭ يېڭى سۇرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەنىدى.