خىتاي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ۋە سۈرگۈننى توختاتماي ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش تەشۋىقاتىنى ۋە پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2025-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئۆلكە ھالقىپ خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزۈش پائالىيىتى لەنجۇ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلانغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى» 160 تىن ئارتۇق كارخانا، كەسپىي ئورۇننى تەشكىللەپ، خىتايدىكى سەككىز ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئىككى ھەپتىگە يېقىن شەرقىي تۈركىستانغا چاقىرىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.
تەشۋىق قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ مەسئۇل ئەمەلدارلىرى خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ئۇلارنى نۇرغۇنلىغان پۇرسەت كۈتۈۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى ئالدىنقى ئايدا شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك «ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت بىرلەشمىسى» تەسىس قىلىنغانلىقىنى، مەزكۇر ئورگاننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 15 ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئورگىنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى ۋە بۇنى خىتاينىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى، دەپ تەشۋىق قىلغانىدى. نۆۋەتتە ئالاقىدار ئورگانلار خىتاينىڭ ئاققۇن يۆتكەش سىياسىتى ئۈچۈن رەسمىي خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي ئاققۇنلىرى ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەرگە ئوخشاش يۇقىرى تەمىناتلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا تۈركۈملەپ يەرلەشتۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا. نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ئاخباراتچىلىقنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە گېرمانىيەنىڭ بىر خەۋەر ئورگىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «خىزمەت پىروگراممىلىرى»غا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە مەجبۇرىي ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.