شەرقىي تۈركىستانغا قايتىۋاتقانلارنى قانداق رېئاللىق كۈتۈۋاتىدۇ؟

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاز بىر قىسىم تاللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىۋاتقان ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ نورمال ھالەتتە ئىكەنلىكىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. ھالبۇكى، تارقىلىۋاتقان سىنلاردىكى ئىنچىكە نۇقتىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

ئالدىنقى كۈنلەردە تارقالغان بىر سىندا چەت ئەلدىن شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئايرودۇرۇمدا تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولغان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئىنچىكە نۇقتىلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.

مەزكۇر ئۇيغۇر ئايال ئايرودۇرۇمدىن چىقىۋاتقاندا ھىجابلانغان ھالەتتە بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەچ، ئۇنىڭ ياغلىقىنى تۇتۇپ، قۇلىقىغا بىر نەرسىلەرنى دېگەن. ئۇيغۇر ئايال دەرھال ياغلىقىنى ئېلىۋەتكەن. بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردىمۇ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ، ھەتتا مومايلارنىڭ كامېرانى كۆرگىنىدە جىددىيلىشىپ، دەرھال ياغلىقىنى ئېلىۋەتكەن كۆرۈنۈشلىرى تارقالغانىدى.

خىتاي پۈتۈن تەشۋىقات كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ، تۈرلۈك باستۇرۇشلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر دەل ئەكسىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇلاردىن سىرت، چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا قايتىۋاتقانلىقى كۈچلۈك تەنقىد قىلىنىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ۋەتەنگە قايتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا ھەسسە قوشۇش بولىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 4020 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2025 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق