ئامېرىكىغا «يوشۇرۇن تېررورلۇق قورالى» ئەكىرگەن ئىككى خىتاي قولغا چۈشتى

يېقىندا ئىككى خىتاي ئامېرىكىغا ئىنتايىن خەتەرلىك تۈردىكى زەمبۇرۇغ ئەكىرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئالاقىدار ئەمەلدارلار بۇنى «خەتەرلىك بىيولوگىيەلىك پاتوگېن» دەپ تەسۋىرلىگەن.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى بىر تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 3-ئىيۇن ئاشكارىلىشىچە، ئىككى خىتاي پۇقراسى تىل بىرىكتۈرۈش، مال ئەتكەسچىلىكى، يالغان بايان ۋە ۋىزا ئالدامچىلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئەيىبنامىدە ليۇ فامىلىلىك خىتاينىڭ زەھەرلىك زەمبۇرۇغنى دېترويىت ئايرودرومى ئارقىلىق ئامېرىكىغا ئەتكەس قىلماقچى بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ جيەن فامىلىلىك قىز دوستى ئىشلەۋاتقان مىچىگان ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا مەزكۇر زەمبۇرۇغنى تەتقىق قىلماقچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر زەمبۇرۇغ تۈرى بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق ۋە گۈرۈچ قاتارلىقلاردا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زىرائەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن. ئەگەر يېمەكلىككە كىرىپ قالسا قۇسۇش، جىگەرنى زەخمىلەندۈرۈش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

تەپتىش ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل زەمبۇرۇغ ئىلمىي تەتقىقاتلاردا «يېزا ئىگىلىك تېررورلۇقىدىكى مەخپىي قورال» دەپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيا مىقياسىدا نەچچە مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

تەپتىش ئەمەلدارى بۇ ۋەقەنى «ئەڭ ئېغىر دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى» دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جيەن فامىلىلىك ئايال خىتاي كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئۇ يەنە خىتايدىكى بۇ خىل پاتوگېن تەتقىقاتى ئۈچۈن خىتاي رېجىمىنىڭ مەبلىغىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇ 3-ئىيۇن بۇ توغرىسىدا سوتقا چىققان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن بۈگۈنكى قەرەللىك ئاخبارات يىغىنىدا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى پۇقرالىرىدىن يەرلىك قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا چەت ئەلدىكى پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

بۇ خەۋەر 2867 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2025 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق