خىتاينىڭ ئاپتوموبىللىرى باھا ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئاستا-ئاستا بازار ئىگىلەۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، قازاقىستان خەلقىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا نارازىلىقى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، قازاقىستان سانائەت مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرگەن.
قازاقىستان خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 3-ئىيۇندىكى ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىر قازاقىستان خەلقىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن بارغانسېرى نارازى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئاپتوموبىللارنى قازاقىستاننىڭ كىلىمات شارائىتلىرىغا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان.
قازاقىستان سانائەت ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئولزاس ساپاربېكوف جاۋاب بېرىپ، بۇ يىل قازاقىستاندا ئىككى زاۋۇتنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغانلىقىنى، مەزكۇر زاۋۇتلارنىڭ خىتاينىڭ چاڭئەن، خافۇ (ھاۋال)، چىرۈي (چېرى) ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ 100 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زاپچاسلارنى قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ خەلقنىڭ نارازىلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ۋاسىتىچىلەر تەرىپىدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا باھا بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا ئېنىق شەرت قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.