ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تېببىي ئۈسكۈنە سېتىشىنى چەكلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى 1-ئىيۇن بېلەت تاشلاپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تېببىي ئۈسكۈنە سېتىشىنى چەكلەش قارارىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تېببىي ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكىدىن ئۆچ ئالدى.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە بەش مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى تېببىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشىغا چەكلىمە قويىدىكەن. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2022-يىلى يولغا قويۇلغان «خەلقئارا سېتىۋېلىش ھۆججىتى» ئاساسىدا قوللانغان تۇنجى تەدبىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇر 4-ئايدا خىتاينىڭ تېببىي ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغان ھەمدە بۇ يىل 1-ئايدا خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تېببىي ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشتا چەت ئەل شىركەتلىرىنى يەكلەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بىلۇمبېرگ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ كېڭەشكەن بولسىمۇ، ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ تېببىي ئۈسكۈنە بازىرى ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «تېببىي ئۈسكۈنىلەرنى يەرلىكلەشتۈرۈش»نى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ سىياسىتى ئارقىلىق خىتايدا ئىشلەنگەن تېببىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %80-70% كەت يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن. بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جىددىيچىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن 3-ئىيۇن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئىزچىل تەرىقىدە خەلقئارالىق سودا قائىدىلىرىنى قوغداپ كەلگەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بولسا سودا ساھەسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ ئۆز شىركەتلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

بۇ خەۋەر 2603 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2025 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق